يەمەندە ژۇرنالىستلار گۆرۈدە تۇتۇلماقتا
يەمەندە ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەنىڭ قولىدا 11 ژۇرنالىست گۆرۈدە تۇتۇلماقتا.
1655274

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «يەمەن ژۇرنالىستلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، دۆلەتتىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەنسۇپلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «<يەمەن ژۇرنالىستلار كۈنى> يېتىپ كەلدى، ئەمما 11 ژۇرنالىست تېخىچە ھۇسىيلار ۋە ئەلقائىدەنىڭ قولىدا. جۈملىدىن 10 ژۇرنالىست ھۇسىيلارنىڭ، بىرى ھەزەرمەۋت ۋىلايىتىدە ئەلقائىدەنىڭ قولىدا. دۆلەتتە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان 2014 – يىلدىن بۇيان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئورگانلىرى ۋە ژۇرنالىستلارغا قارىتا 1400 دىن ئارتۇق دەپسەنچىلىك قىلمىشى سادىر بولدى.»