ئىسرائىلىيە ئۈچ پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى)نىڭ شىمالىدىكى جەنىن شەھىرىدە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.
1655158
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى)نىڭ شىمالىدىكى جەنىن شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىغا قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان ئۈچ نەپەر پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، بىر ئادەم يارىلاندى.
جەنىن شەھىرىگە بېسىپ كىرگەن ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، پەلەستىن بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى؛ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا، ئىككىسى پەلەستىن ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى خىزمەتچىسى بولۇپ جەمئىي ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
ھاياتىدىن ئايرىلغان لېيتېنانت ئەتھەم ئالەيۋى بىلەن كاپىتان تەيسىر ئىسانىڭ ھەربىي ئاخبارات ئورگىنىدا ئىشلەيدىغانلىقى، جەمىل مەھمۇد ئەلئامۇرىنىڭ ئىلگىرى ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە ياتقان بىر پەلەستىنلىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشچە، ئېغىر يارىلانغان پەلەستىنلىكمۇ پەلەستىن بىخەتەرلىك قىسملىرى خادىمى ئىكەن.
جەنىندىكى ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى پولكوۋنىك تالىب سالاھاتمۇ بايانات بېرىپ، ئالەيۋى بىلەن ئىسانىڭ كېچىدە پوستا تۇرۇۋاتقان ئەسنادا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە بۇ ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.