ئامېرىكادا بىر ھەربىي بازا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر ھەربىي بازا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

1655121
ئامېرىكادا بىر ھەربىي بازا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېكساس ئىشتاتىنىڭ سان ئانتونى – لاكلاند ھەربىي بازىسىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكى، قاچقان ئىككى زوراۋاننى تۇتۇش ۋە ۋەقەنى تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسى بولغان لاكلاند ھەربىي بازىسىدا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان پودپولكوۋنىك برىيان س. لوۋېلېس، نامەلۇم ئىككى كىشىنىڭ ھەربىي بازىنىڭ دەرۋازىسىغا ئوق چىقارغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى، قاچقان زوراۋانلارنىڭ تېپىلىشى ئۈچۈن تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر ھۇجۇم سەۋەبىدىن كىرىش چەكلەنگەن ھەربىي بازىنىڭ كېيىنچە ئېچىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر