ئامېرىكا كابۇلدىكى ھامىد كارزاي خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىرباي ئامېرىكا چېكىنگەندىن كېيىن، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى ھامىد كارزاي خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن مۇزاكىرىلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1655397
ئامېرىكا كابۇلدىكى ھامىد كارزاي خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ «شەرتلەر ئورۇندالغان تەقدىردە، تۈركىيە كابۇل ھامىد كارزاي خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ» دېگەن سۆزىگە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىرباي، بۇ باياناتتىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، لېكىن تۈركىيە بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جون كىرباي، «تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئايرودرومنڭ بىخەتەرلىكىنى ئۈستىگە ئېلىش پىلانى توغرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلىرىمىز بار. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بېرىشقا تېگىشلىك بىر قارار. بىز بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىمىز. ئەمما ئەلۋەتتە بىز دەسلەپكى سۆھبەتلىرىمىزنى ئېلىپ باردۇق ، ئىلگىرى ئېيتقىنىمىزدەك، ئايرودرومنىڭ بىخەتەرلىكى، قانداق ئەھۋالدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئامېرىكا ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ كابۇلدىكى دىپلوماتىك مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم » دېدى.

مىنىستىر خۇلۇسى ئاقار سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن ئافغانىستان مەسىلىسىدە مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى  بىلدۈرۈپ، «بىز شەرتلەرگە ئاساسەن ئافغانىستاندا قېلىشنى ئويلايمىز. بىزنىڭ شەرتلىرىمىز نېمە؟ سىياسىي، مالىيە ۋە ئارقا سەپ تەمىناتى. بۇلار ئىشقا ئاشۇرۇلغان تەقدىردە، بىز ھامىد كارزاي خەلقئارا ئايرودرومىدا قالساق بولىدۇ» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 11-سېنتەبىر خاتىرە كۈنىگە قەدەر بارلىق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا مەركىزى قىسىملار (CENTCOM) قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، چېكىنىش %50 تاماملانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر