رۇسىيە شىمالىي ماكېدونىيەلىك دىپلوماتنى «خالانمىغان ئادەم» ئېلان قىلدى

رۇسىيە شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ موسكۋا ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر دىپلوماتنى «خالانمىغان ئادەم» ئېلان قىلدى.

1655515
رۇسىيە شىمالىي ماكېدونىيەلىك دىپلوماتنى «خالانمىغان ئادەم» ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ ئالدىنقى ئاي بىر رۇس دىپلوماتنى «خالانمىغان ئادەم» ئېلان قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ موسكۋا باش ئەلچىسى ئولىۋېرا چائۇشېۋسكا – دىموۋسكانىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «باش ئەلچىگە، شىمالىي شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ موسكۋا ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان دىپلوماتىنىڭ <خالانمىغان ئادەم> ئېلان قىلغانلىقى توغرۇلۇق نوتا تاپشۇرۇلدى.»

باياناتتا، بۇ تەدبىرنىڭ، شىمالىي ماكېدونىيە تەرەپنىڭ رۇس دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش توغرۇلۇق سەۋەبسىز چىقارغان قارارىغا جاۋاب تەرىقىسىدە قوللىنىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر