ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلانغان يېقىلغۇ قاچىلىدى
ئامېرىكادا بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى دۇنيادىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلانغا يېقىلغۇ قاچىلاشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
1654994
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بويىن شىركىتى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلانغا يېقىلغۇ قاچىلىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا: «ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى سېرىق ھەرە ‹F/A-18› تىپلىق ئايروپىلانغا، بويىن ياسىغان ‹MQ-25› ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى يېقىلغۇ قاچىلىدى. بۇنىڭ بىلەن، دۇنيادا تۇنجى قېتىم بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى كۆكتىكى ئايروپىلانغان يېقىلغۇ قاچىلاش ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولدى» دېيىلدى.