رۇھانى: پىرېزىدېنتلىق سايلىمى مۇساپىسىدە ناھەقچىلىكلەر يۈز بەردى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى 18- ئىيۇن دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 13- نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان مۇساپىدە ناھەقچىلىكلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1654630
رۇھانى: پىرېزىدېنتلىق سايلىمى مۇساپىسىدە ناھەقچىلىكلەر يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى 18- ئىيۇن دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 13- نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان مۇساپىدە «نۇرغۇن ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ سادىر قىلىنغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «جامائەت پىكىرى ۋە خەلقنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىنى مەسخىرە قىلساق بولمايدۇ» دېدى.

رۇھانى پايتەخت تېھراندا ئېچىلغان مىنىستىرلار يىغىنىدىن كېيىن سۆز قىلىپ، پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ۋە كاندىداتلارنىڭ تەنقىدلىرى توغرىسىدا توختالدى.

پىرېزىدېنت كاندىداتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە قاراتقان تەنقىدلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن رۇھانى: «ئەپسۇكى، مۇشۇ كۈنلەردە ئەخلاق مەسىلىسى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. پاكىتلار بۇرمىلاندى. سايلام مۇھىم، ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى ئەخلاقتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇھانى كاندىداتلارنىڭ رەت قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەرنىمۇ تەنقىد قىلىپ: «سايلامدا نۇرغۇن ئادالەتسىزلىكلەر يۈز بەردى. بۇ سايلامدىكى ئەڭ ئېغىر ناھەقچىلىك ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزىدۇر، جامائەت پىكىرى ۋە كىشىلەرنىڭ سايلامغا ئىشتىراك قىلىشىنى مەسخىرە قىلالمايمىز. بىز خەلقنى ھەقىقىي يوسۇندا سايلامغا تەكلىپ قىلىشىمىز كېرەك. رەھبەرلىك (ئىران دىنىي داھىيسى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنىي) كاندىداتلارنىڭ تەستىقلىنىشى مەسىلىسىدە ئادالەتسىزلىك بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئورنىنىڭ تولدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭ ئورنىنىڭ تولدۇرۇلغان – تولدۇرۇلمىغانلىقى باشقا بىر مەسىلە» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ: #سايلام , #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر