كانادادا يارىدار مۇسۇلمان ياشقا توغرا تىببي مۇداخىلە قىلمىغان قۇتقۇزۇش خادىمىنىڭ جىنايىتى بېكىتىلدى

كانادانىڭ خامىلتون شەھىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ كوچىدا كېتىۋاتقاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مۇسۇلمان ياشقا توغرا تىببىي مۇداخىلە قىلماستىن، ئۆلۈمگە تاشلاپ قويغانلىقىغا دائىر سوتتا، قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ جىنايىتى بېكىتىلدى.

1654707
كانادادا يارىدار مۇسۇلمان ياشقا توغرا تىببي مۇداخىلە قىلمىغان قۇتقۇزۇش خادىمىنىڭ جىنايىتى بېكىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خامىلتون شەھىرىدە 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا، دال كىڭ ئىسىملىك ​​ھۇجۇم قىلغۇچى تەرىپىدىن ئۇق ئېتىپ يارىدار قىلىنغان يۈسۈپ ئەل خاسناۋىغا نەق مەيدانغا كېچىكىپ كەلگەن ئىككى نەپەر جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمى تىببي مۇداخىلە قىلغان ئىدى.

ئونتارىيو ئۆلكىلىك ئالىي سوتنىڭ سوتچىسى خاررىسون ئاررېل تۆت يىلغا يېقىن داۋاملاشقان بۇ دېلو ھەققىدە بۈگۈن قارارىنى ئېلان قىلدى.

سوتچى ئاررېل قۇتقۇزۇش خادىملىرى ستېۋېن سنېۋىي ۋە كرىستوفىر مارچانتنىڭ تېشىلىپ كەتكەن ئارتېرىيەگە ۋە تومۇرى بار كىشىگە قانداق مۇداخىلە قىلىش توغرىسىدا ئالغان دەرسلىرىنى توغرا ئىجرا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ جىنايىىتى بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئاررېل بۇ دېلونىڭ 25-ئۆكتەبىردىن 26-ئۆكتەبىرگىچە جىنايى ئىشلار ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ بۇ ئەيىبلەشلەر بىلەن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

يۈسۈپ ئەل ھەسناۋىنىڭ دادىسى ماجېد ئەل ھەسناۋى سوت قارارىدىن كېيىن سوت بىناسى ئالدىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «مېنىڭچە بۇ ئادىل قارار  بولدى. ئۇلارنىڭ جىنايىتى ئىسپاتلاندى. ئون يىللىقمۇ ياكى بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنامدۇ؟ بۇنىڭ بىلەن كارىم يوق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر