ئەسەد كۈچلىرى بىلەن ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىدلىبتا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى
ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى بىلەن ئۇنىڭ قوللىغۇسى ئىراننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلار ئىدلىبتا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى.
1653776
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى بىلەن ئۇنىڭ قوللىغۇسى ئىراننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلار، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش رايونىدىكى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلدى، ۋەقەدە بىر كىچىك بالا قازا قىلدى.