پ ك ك پەشمەرگەلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئىراقنىڭ دوھۇك شەھىرىدە بىر پەشمەرگە (كورد رايونى ئەسكىرى)نى ئۆلتۈردى.

1653764
پ ك ك پەشمەرگەلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئىراق كورد رايونى مەھەللىي تاراتقۇلىرى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ دوھۇك شەھىرى زاخو ناھىيەسى دەركار بازىرىدا پەشمەرگە كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

دەركار بازىرى مەسئۇلى ئەدىب جەئفەر ۋەقە ھەققىدە بايانات بېرىپ، بۈگۈن سەھەردە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەرگەنلىرىنىڭ بىر پەشمەرگەنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، 5 – ئىيۇن جۈمە كۈنىمۇ دوھوكنىڭ ئامەدى ناھىيەسىدە پەشمەرگە قىسىملىرىنى پىستىرمىغا چۈشۈرگەن، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى پەشمەرگە مىنىستىرلىقى، ھۇجۇمدا بەش پەشمەرگەنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يەتتە پەشمەرگەنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر