بايدىن بىلەن ستولتېنبېرگ ئورتاق مۇداپىئە، ئافغانىستان ۋە خىتاي مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 14 - ئىيۇن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى، ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگنى ئاقسارايدا كۈتۈۋالدى.

1653686
بايدىن بىلەن ستولتېنبېرگ ئورتاق مۇداپىئە، ئافغانىستان ۋە خىتاي مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بايدىننىڭ ناتونىڭ بىخەتەرلىك ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى قوغداشتا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىش ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بايدىن بىلەن ستولتېنبېرگ ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى، تور ھۇجۇملىرى قاتارلىق خەلقئارالىق تەھدىتلەرگە قارشى تۇرۇشتا ئىتتىپاقنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن، ناتونىڭ 2030 – يىللىق پىلانىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى قارىشىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى» دېدى.

پساكى، ئۇچرىشىشتا، ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مۇداپىئە چىقىمى ۋە ئورتاق مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش مەسىلىنىسىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بايدىن بىلەن ستولتېنبېرگ يەنە، ناتونىڭ ئافغانىستانغا 20 يىل بويىچە مەبلەغ سېلىشى ۋە ئۇنىڭ دىپلوماتىك تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر توغرىسىدىمۇ سۆزلەشتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگمۇ يېپىق يىغىندىن كېيىنكى باياناتىدا، بايدىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، خىتاي مەسىلىسى ھەققىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكلىرىنى ۋە كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ بىرىنىڭ بۇ دۆلەت (خىتاي) بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ستولتېنبېرگ، خىتاينىڭ پات يېقىندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بىراق، خىتاي بىز بىلەن ئوخشاش قىممەت قاراشقا ئىگە ئەمەس. بىز خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك نامايىشلارغا قانداق توسقۇنلۇق قىلغانلىقى، ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى، قوشنىلىرىنى قانداق قىستاققا ئالغانلىقى ۋە تەيۋەنگە قانداق تەھدىت سالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

بايدىننىڭ ناتو  باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ستولتېنبېرگ: «رۇسىيە بىلەن سۆھبەتلىشىش ئاجىزلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس، بىز كۈچلۈكمىز ۋە بىرلىكتىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر