ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى بايدىن بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي (Vladimir Zelenskiy) 16-ئىيۇن (2021) دىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىدىن بۇرۇن، بايدىن بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1653293
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى بايدىن بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي ئامېرىكا ئاكسىيوس (Axios) خەۋەرلەر تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكانىڭ «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسى ئۈچۈن ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ «2-شىمالىي ئېقىم» لايىھەسىگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىدىن قاتتىق ھەيران قالغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن ئاپرېل ئېيىدا تېلېفوندا كۆرۈشكەندە بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان سىگنال ئالغانلىقىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ لايىھەنى توختىتالايدىغان بىردىنبىر كۈچ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، لايىھەنىڭ ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ تەھدىت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، رۇسىيە مەسىلىسىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزمەسلىكنى بايدىننىڭ قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇكرائىنا ئاساسىي قانۇنىنىڭ كاپالەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر قاچان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ئۇكرائىنانى قوغداشقا تەييارمەن. پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن بايدىن بىلەن بارلىق تەپسىلاتلارنى مۇزاكىرە قىلىشقا تەييارمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر