ئامېرىكا خىتاينى ۋابا مەسىلىسىدە جاۋاب بېرىشكە داۋاملىق مەجبۇرلايدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ مەنبەسى مەسىلىسىدە كېرەكلىك جاۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن داۋاملىق خىتاينى مەجبۇرلايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1653486
ئامېرىكا خىتاينى ۋابا مەسىلىسىدە جاۋاب بېرىشكە داۋاملىق مەجبۇرلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ئېچىلغان ۋە مىنىستىرلىقنىڭ 2022-يىللىق خامچوتى مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا، ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئاساسلىقى ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن تىركىشىشنىڭ قايسى ئەھۋالدا ئىكەنلىكىگە ۋە بولۇپمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللار كۈنتەرتىپكە كەلگەن يىغىندا، كونگرە ئەزالىرىنى زۆرۈر قەدەملەرنى باسقانلىقى توغرىسىدا قايىل قىلىشقا تىرىشتى.

ئۇ ۋابانىڭ مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك قوللىرىدىكى بارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ۋە ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ دوكلاتلىرىدىن پايدىلانغاندىن كېيىن، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالدى ۋە رايوندا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىشى ھەمدە تىنچلىقنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر