سى ئاي ئى ئافغانىستاندىكى مەشغۇلات ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئىزدىمەكتە

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چېكىنگەندىن كېيىن، ئافغانىستاندىكى مەشغۇلات ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئىزدىمەكتە.

1653037
سى ئاي ئى ئافغانىستاندىكى مەشغۇلات ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئىزدىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ خاتىرە كۈنىگىچە بارلىق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىنىدۈرىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي %44 ئامېرىكا ئەسكىرى چېكىنىشنى تاماملىدى.

چېكىنىش خىزمەتلىرى ناھايىتى تېز داۋاملاشتى، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈرىكى ھېسابلىنىدىغان مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) پات يېقىندا ئافغانىستاندىكى بارلىق بازىلىرىنى تاقايدىغان بولدى.

ھەم ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەشبۇرجەكلىك بىنا)، ھەم ئىستىخبارات ئورگىنى ئافغانىستاندىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەرىكەتلىرىگە سىرتتىن مۇداخىلە قىلالايدىغان شەكىلدە پىلانلارنى تۈزمەكتە.

«نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» گە چىققان ۋە مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسئۇللارنىڭ قاراشلىرىنى مەنبە قىلغان بىر ئانالىزغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئافغانىستان مەسىلىىسدە نۇرغۇنلىغان تاللاشلارغا قاراپ چىقماقتا. لېكىن تېخىچە ئافغانىستاندا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات  ئىدارىسىغا بازا قۇرۇش رۇخسىتى بەرمىگەنلىكى ئالاقىدار مەسئۇللارنى ئەندىشەلەندۈرمەكتە ئىكەن.

ئانالىزدا بىلدۈرۈلىشىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن تاللاشقا بولىدىغان دۆلەتلەردىن  بىرسى پاكىستان بولۇپ، لېكىن پاكىستان ھۆكۈمىتى ئوچۇق ھالدا  ئامېرىكاغا ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتلەردە پايدىلىنىشى ئۈچۈن بازىلىرىنى ئېچىپ بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر