رۇسىيە ئوچۇق ئاسمان كېلىشىمى (ASA) دىن چېكىندى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن دۆلىتىنىڭ ئوچۇق ئاسمان كېلىشىمى (ASA) دىن چېكىنىشىگە دائىر قانۇنغا ئىمزا قويدى.

1653127
رۇسىيە ئوچۇق ئاسمان كېلىشىمى (ASA) دىن چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت قانۇن ئۇچۇر سىستېمىسىدا ئېلان قىلىنغان قانۇنغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە 1992-يىلى 24-مارت فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدا ئىمزالانغان ئوچۇق ئاسمان كېلىشىمىدىن چېكىنگەن.

بۇ قانۇن پىرېزىدېنت پۇتىن تەرىپىدىن ئىمزالانغان.

ئامېرىكا 2020-يىلى 22- نويابىردا رۇسىيە بىلەن قوراللارنى كونترول قىلىشنى تەرتىپكە سالىدىغان ئوچۇق ئاسمان كېلىشىمىدىن  چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رۇسىيەمۇ 15-يانۋاردا ئوچۇق ئاسمان كېلىشىمىدىن چېكىنىش مۇساپىسىنى باشلاشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ھەربىي ھەرىكەتتىكى ئاشكارىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوراللارنى كونترول قىلىش ھەمدە باشقا كېلىشىملەرنى نازارەت قىلىشقا قۇلايلىق يارىتىش مەقسىتىدە قورالسىز رازۋېدكا ئۇچۇشلىرىغا رۇخسەت بېرىدىغان ئوچۇق ئاسمان كېلىشىمىگە ئەزا 34 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېروتورىيەسىدە ئىشەنچ ۋە بىخەتەرلىكنى ئاشۇرۇشنىڭ بىر چارىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان شۇنداقلا 1992-يىلى يانۋاردا ئىمزالانغان ئوچۇق ئاسمان كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا تۈركىيەمۇ ئورۇن ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر