نىگېرىيەدە تىۋىتتېر چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى سوتقا تارتىش قارار قىلىندى

ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر جىبرىلۇ گۋاندو ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئەدلىيە مىنىستىرى ۋە باش تەپتىش ئەبۇبەكىر مالامىنىڭ فېدېراتىپ ھۆكۈمەت يولغا قويغان تىۋىتتېر چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى سوتلاشنى بۇيرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1653057
نىگېرىيەدە تىۋىتتېر چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى سوتقا تارتىش قارار قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالامى سوتقا تارتىش قارارىنىڭ تېز ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن نىگېرىيە ئۇچۇر - ئالاقە كومىتېتى شۇنداقلا نىگېرىيە ئالاقە ۋە دىگىتال ئىقتىساد مىنىستىرلىقى بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بۇخارى دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئاممىۋى بىنالارغا ھۇجۇم قىلغان ياش توپىلاڭچىلار ھەققىدە 1 -ئىيۇن تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، 1967-يىلدىن 1970-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا دۆلەتتە 1 مىليون كىشىنىڭ قازا قىلىشىغا ساۋەب بولغان ئىچكى ئۇرۇشنى ئەسكەرتىپ، «بىز بۇ ساھەدە 30 ئاي كۈرەش قىلدۇق، ئۇلارغا چۈشىنىدىغان تىل بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز» دېگەن ئىدى.

تىۋىتتېر بۇخارىنىڭ بۇ يازمىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ھېسابىنى توڭلىتىپ قويغان ئىدى.

بۇ ۋەقەدىن كېيىن، نىگېرىيە ھۆكۈمىتى 4- ئىيۇندا تىۋىتتېرنىڭ دۆلەتتىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئىككىنچى بۇيرۇق كەلگەنگە قەدەر توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر