كانادادىكى يەرلىك رەھبەرلەر پاپاغا نارازىلىق بىلدۈردى

كانادادا ياتاقلىق چېركاۋ مەكتەپلىرىدە جىسنىي پاراكەندىچىلىككە ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىغان بالىلار مەسىلىسىدە پاپا فرانسىسكۇس (Franciscus) نىڭ ئەپۇ تىلىمىگەنلىكى، يەرلىك رەھبەرلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

1653109
كانادادىكى يەرلىك رەھبەرلەر پاپاغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادادا ياتاقلىق چېركاۋ مەكتەپلىرىدە جىسنىي پاراكەندىچىلىككە ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىغان بالىلار مەسىلىسىدە پاپا فرانسىسكۇس (Franciscus) نىڭ ئەپۇ تىلىمىگەنلىكى، يەرلىك رەھبەرلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

«س ت ۋ نىيۇس» (CTV News) نىڭ خەۋىرىدە بىلدرۈلىشىچە، پاپا فرانسىسكۇس ئەنئەنىۋى يەكشەنبە دۇئاسى جەريانىدا، كاتولىك چېركاۋىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلىرىدىكى بالىلارنى جىنسىي پاراكەندە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا، مەدەنىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى چاقىرىق قىلغان. ئەمما ئۇ، كانادالىقلار كۈتۈۋاتقان «ئەپۇ» نى تىلىمىگەن.

خەۋەردە قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن ساسكاتچېۋان (Saskatchewan) دىكى «ئىگىلىك ھوقۇقلۇق يەرلىك مىللەتلەر فېدېراتسىيەسى» نىڭ باشلىقى بابى كامېرون (Bobby Cameron):

«ھەممىمىز ئازابلىنىۋاتىمىز ۋە قايغۇرۇۋاتىمىز. بۇ دۇنيادا مەسخىرە تېمىسىغا ئايلاندى. پاپانىڭ، ‹ئەينى ۋاقىتلاردا، چېركاۋلىرىمىزنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا قىلغان مۇئامىلىسى ئۈچۈن ئىنتايىن قايغۇرىمەن. ئەپۇ تىلەيمىز، دۇئا قىلىمىز› دېيىشى شۇنچىۋالا تەسمۇ؟» دېدى.

كاملۇپس (Kamloops) ھىندىيانلار ياتاقلىق چېركاۋ مەكتىپىدىن قۇتۇلغان 72 ياشلىق سا خىل تۇت (Saa Hiil Thut) مەكتەپتىكى چاغلىرىدا بېشىدىن ئۆتكەنلەرگە ۋە تارتقان ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىگە ھېچكىمنىڭ مەسئۇل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «جىنايەتچىلەر بىر شەكىلدە ئاسان قۇتۇلۇپ قالىدۇ. پاپا، ‹چېركاۋىمىزنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلىرىدە مىڭلارچە جىنسىي پاراكەنچىلىك ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. كاملۇپستا ۋە كانادادىكى ھەر بىر ياتاقلىق مەكتەپلەردىكى نامسىز مازارلىقلاردا 215 بالا بار› دېمەيدۇ» دېدى.

ماي ئېيى (2021) نىڭ ئاخىرىدا برىتىش كولۇمبىيا (British Columbia) دىكى كاملۇپس ھىندىيانلار ياتاقلىق چېركاۋىنىڭ باغچىسىدا، تىزىمدا يوق 215 بالىنىڭ جەسىتىنىڭ قالدۇقلىرى تېپىلغان ئىدى.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو (Justin Trudeau) ئۆتكەن ھەپتە تەكرار ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەكتەپلەرنىڭ چېركاۋنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ، ۋاتىكاننىڭ مەكتەپلەردىكى رولى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە ئەپۇ تىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر