ئىسلامئابادتا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا يۈز بەرگەن كىملىكى ئېنىقسىز كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىدا ئىككى ساقچى قازا قىلدى.

1651612
ئىسلامئابادتا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد ساقچى ئىدارىسى، چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى ساقچىنىڭ نامەلۇم كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ راشىد ئەھمەد بايانات ئېلان قىلىپ، پايتەختتە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «تۈنۈگۈن كەچتە ئىككى ساقچى شېھىت بولدى، 2018- يىلىدىن بۇيان پايتەختتە توققۇز ساقچى شېھىت قىلىندى» دېدى.

ئافغانىستان تەرەپتىن كېلىدىغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىغا ئورنىتىلىۋاتقان رېشاتكىلارنىڭ قىسمەن پۈتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەھمەد، قالغان %12 ىنىڭ ئىككى ئاي ئىچىدە پۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، پاكىستاننىڭ ئىران بىلەن بولغان چېگراسىغىمۇ رېشاتكا ئورنىتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭمۇ بىر يىل ئىچىدە پۈتىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ساقچىلارغا قارىتىلغان بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بار - يوقلۇقى تېخى ئېنىقلانمىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تېرورلۇق تەشكىلاتى  — پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ پايتەختتىكى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر