خىتايدا يولۇچىلار پويىزى ئىشچىلارنى سوقۇۋەتتى

خىتايدا توققۇز تۆمۈر يول ئىشچىسى يولۇچىلار پويىزىنىڭ سوقۇشى نەتىجىسىدە ئېچىنىشلىق ھالدا جېنىدىن ئايرىلدى.

1651859
خىتايدا يولۇچىلار پويىزى ئىشچىلارنى سوقۇۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گەنسۇنىڭ چىنچاڭ شەھىرىدە تەخمىنەن 50 ئىشچى يېپىق جايدا، تۆمۈر يول رېمونت-ئاسىراش خىزمەتلىرىنى قىلىۋاتاتتى،  بىراق بۇ جەرياندا بەزى ئىشچىلار تۆمۈر يولنىڭ ئوچۇق قىسمىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى ۋە قارشى تەرەپتىن كەلگەن پويىز توققۇز ئىشچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولدى.

تۆمۈر يول ئىدارىسى جېنىدىن ئايرىلغان ئىشچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە ۋەقەنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋەقە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چوڭ نارازىلىقلارغا سەۋەب بولدى.

كىشىلەر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنغان ياكى ئېلىنمىغانلىقى توغرىسىدا مۇنازىرە قوزغاپ، ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر