فىرانسىيە مالى بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختاتتى

فىرانسىيە، 24- مايدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن مالى بىلەن بولغان بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكىتىنى توختاتتى.

1651556
فىرانسىيە مالى بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، 24- ماي مالىدا يۈز بەرگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي گەۋدىسى بىلەن ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مالىدىكى سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەرت ۋە قىزىل سىزىقلارنى بەلگىلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، فىرانسىيەنىڭ ھوقۇقنىڭ پۇقرالارنىڭ قولىغا ئۆتۈشى مۇساپىسىگە ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىپ، مالى ئارمىيەسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

ئۆتكەن يىلى 8- ئاينىڭ 18- كۈنى يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئارقىسىدىكى كىشى، ھەمدە ھوقۇقنى مەمۇرىي ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇساپىسىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بولغان پولكوۋنىك ئاسسىم گويتا، 24- ماي ئېلىپ بېرىلغان كابىنېتنى ئۆزگەرتىشنىڭ بەلگىلىمىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پىرېزىدېنت باھ ناداۋ، باش مىنىستىر موكتار ئوۋان قاتارلىقنۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى قولغا ئېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن، ئارقىدىنلا ئۆزىنى پىرېزىدېنت دەپ جاكارلىغانىدى.

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي گەۋدىسى بىلەن ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى، توققۇز ئاي ئىچىدە ئىككى قېتىم ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن مالىنىڭ ئەزالىقىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر