بىرمادا ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى چىققۇچىلار پۇقرالىق قانۇنى توغرىسىدا ۋەدە بەردى

بىرمادا ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى قۇرۇلغان «خەلق ھۆكۈمىتى»، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئېتنىك مىللەتلەرنى پۇقرالىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان 1982-يىلى چىقىرىلغان پۇقرالىق قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ۋەدە بەردى.

1651650
بىرمادا ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى چىققۇچىلار پۇقرالىق قانۇنى توغرىسىدا ۋەدە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ھەربىي ھاكىمىيىتىگە قارشى قۇرلغان «خەلق ھۆكۈمىتى» تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلىگەن باياناتتا، دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ئىجرا قىلىنىدىغان سىياسەتلەرگە چۈشەنچە بەردى.

ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن زوراۋانلىقلار ۋە زۇلۇملار تىلغا ئېلىنغان باياناتتا: «زۆرۈر تېپىلسا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە روھىنگايالىقلار ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەتلەر توغرىسىدا ئەرز سۇنىمىز» دېيىلدى.

يېڭى ئاساسىي قانۇن تەييارلانغاندا، 1982-يىلى چىقىرىلغان پۇقرالىق قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك پۇقرالىق ئېنىقلىمىسى بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «يېڭى قانۇنلاردا بىرما پۇقرالىقى، دۆلەت چېگراسىدا تۇغۇلغان ياكى دۆلەت سىرتىدا بىرما پۇقرالىرىنىڭ پەرزەنتى بولۇپ تۇغۇلغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. روھىنگالىقلار فېدېراتسىيە دېموكراتىك پىرىنسىپلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرى رامكىسىدا پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئىگە» دېيىلدى.

بىرمادا 1-فېۋرال (2021) يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئەمەلىيەتتىكى دۆلەت رەھبىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇچىنىڭ قوللىغۇچىلىرى 16-ئاپرېل ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي «دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى» نى قۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر