ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە – مىسىر دىيالوگىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېس مىچېل، تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېس مىچېلنىڭ مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق مەسىلىلەر، شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېس مىچېل، تېلېفون سۆھبىتىدە، شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، مىسىر بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»
باياناتتا يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېس مىچېل بىلەن مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشى يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن، مىچېلىنڭ مىسىرغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكى، ئىككى رەھبەرنىڭ، لىۋىيەدە مۇقىملىق ۋە بىرلىكنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مىسىرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى بارلىقى مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقى، مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنى قوللاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.