ئىران يادرو كېلىشىمى سۆھبەتلىرى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى

ئىران يادرو كېلىشىمى سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان تەرەپلەر كېلەر ھەپتە ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا ئۇچرىشىدۇ.

1650870
ئىران يادرو كېلىشىمى سۆھبەتلىرى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ۋىيېننادا داۋاملىشىۋاتقان ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ تولۇق يولغا قويۇلۇشى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كېلىشىمگە قايتىپ كېلىشى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان سۆھبەتنىڭ ھەل قىلغۇچ قارارىنى چىقىرىش ئۈچۈن، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كېلەر ھەپتە يەنە بىر قېتىم ۋىيېننادا ئۇچرىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋاكالەتخانىسىىغا ۋاكالىتەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر باشقارمىسى مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە سىياسىي دىرېكتورى ئېنرىك مورانىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان كەڭ دائىرىلىك بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانى ئورتاق كومىتېتى يىغىنىغا رۇسىيە، خىتاي، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.

مورا يىغىندىن كېيىن بايانات بېرىپ، 5- قېتىم ئۆزئارا ئۇچراشقان تەرەپلەرنىڭ كېلىشىمنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشى ۋە ئامېرىكانىڭ كېلىشىمگە قايتىپ كېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ھەل قىلغۇچ قارار ئېلان قىلىنىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى، ئەمما تەرەپلەرنىڭ كېلەر ھەپتە ۋىيېننادا 6- قېتىملىق يىغىنىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېخنىكىلىق مەسىلىلەردىن باشقا يەنە سىياسىي قارار چىقىرىش ئۈچۈنمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى، ۋەكىللەرنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىپ كېلىپ، تەرەققىياتنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مورا، كېلەر ھەپتە چاقىرىلىدىغان يىغىندا يېڭى پوزىتسىيەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، سۆھبەتلەرنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر