ئامېرىكا: ئەلقائىدە رەھبىرى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرگە 7 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىلىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەنىڭ شىمالىي ئافرىقا تارمىقى مەغرىب ئەلقائىدەنىڭ ئاتالمىش رەھبىرى ئەبۇ ئۇبەيدە ئەننابى ھەققىدە توغرا ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرگە 7 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانىلىقىنى جاكارلىدى.

1650905
ئامېرىكا: ئەلقائىدە رەھبىرى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرگە 7 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «ئادالەت ئۈچۈن مۇكاپات» پىروگراممىسى دائىرىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ،  مەغرىب ئەلقائىدەنىڭ رەھبىرى ئەننابىنىڭ تۇرۇۋاتقان جايى، ياكى كىملىكىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرگە 7 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، تەشكىلاتنىڭ سابىق رەھبىرى ئابدۇلمالىك دروقدالنىڭ، 2020 – يىلى، ئىيۇن ئېيىدا ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىكىگە ئەننابىنىڭ تەيىنلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر