ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى: تۈركلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىز ئىنتايىن ياخشى

ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن، ئالجىرىيەگە ھەرقانداق شەكىلدىكى سىياسىي مەقسىتى بولمىغان ۋە تەخمىنەن 5 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سالغان تۈركلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1650749
ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى: تۈركلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىز ئىنتايىن ياخشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن، فىرانسىيەدە ھەپتىدە بىر چىقىدىغان «‹ Le Point› ژۇرنىلى» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ مەغرىب رايونىدىكى مەۋجۇدىيىتىگە ئالجىرىيەنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىغا دائىر سوئالغا، «بىزنى بىئارام قىلغىنى يوق» تەرىقىسىدە جاۋاب بېرىپ، ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركلەر ھەرقانداق شەكىلدە سىياسىي مەقسەتلەردە بولماستىن ئالجىرىيەگە 5 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سالدى. بۇ مۇناسىۋەتلەردىن بىئارام بولۇۋاتقانلار بولسا، ئۇلارمۇ كەلسۇن، بۇ يەرگە مەبلەغ سالدۇن.»

فىرانسىيەنىڭ ئالجىرىيەنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغان يىللاردا خەلقنىڭ ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى، قەبىلىلەرنىڭ يوق قىلىنغانلىقى ۋە يېزىلارغا ئومۇميۈزلۈك ئوت قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن تەببۇن، 1945 – يىلى، 45  مىڭ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئالجىرىيە فىرانسىيەدىن بارلىق جىنايەتلەرنىڭ تولۇق ئېتىراپ قىلىنىشىنى كۈتمەكتە.»

فىرانسىيەنىڭ ئالجىرىيەدە سادىر قىلغان جىنايەتلەر ئۈچۈن ماددىي تۆلەم تۆلىشىنى كۈتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان تەببۇن، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەمما فىرانسىيەدىن يادرو سىناق ساھەلىرىنى تازىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»

ئالجىرىيەەنىڭ بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشىنى ئەيىبلىشىدىن كېيىن، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىچىدە ماسلىقنىڭ قالمىغانلىقىنى، شۇڭا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن ئابدۇلمەجىد تەببۇن، ئىسرائىلىيە پەلەستىن دۆلىتىنى تولۇق ئېتىراپ قىلماي تۇرۇپ، ئالجىرىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر