ئافغانىستاندا ئارقا - ئارقىدىن بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدە كۆپ ساندا ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
1650024
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدە 10 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 12 ئادەم يارىلاندى.
ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ھامىد رۇشەن، كابۇلنىڭ سارئى كارىز ۋە گولائى داۋاخانە رايونلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىپ، 10 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئۇ، ھۇجۇمنىڭ پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىنسانلىق جىنايىتى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيەنى ﭼــﯚﻝ ـ ﺟﻪﺯﯨــﺮە چاڭ – تۇزاڭلىرى قاپلاپ كەتتى
گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنانى ئافرىقادىن كەلگەن ﭼــﯚﻝ ـ ﺟﻪﺯﯨــﺮە چاڭ – تۇزاڭلىرى قاپلاپ كەتتى.