كولومبىيەدىكى نامايىشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 48 گە يەتتى

كولومبىيەدە 28 – ئاپرېلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا ھازىرغىچە بىر نەپىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي 48 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1649318
كولومبىيەدىكى نامايىشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 48 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە ئومبۇدسمان ئىشخانىسىنىڭ 33  كۈننى ئارقىدا قالدۇرغان نامايىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا قارىغاندا، نامايىشلار جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 48 كىشىنىڭ 20 سىنىڭ ئۆلۈمى نامايىش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

كولومبىيەدىكى مۇستەقىل ئاممىۋى تەشكىلاتلار بولسا، ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاش بىلەن باشلانغان باج ئىسلاھاتىغا قارشى نامايىشلاردا قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئېلان قىلىنغاندىن خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، نامايىشلار ئاز بولسىمۇ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان كولومبىيەدە، ئوقۇغۇچىلار پايتەخت بوگوتادا تىنچ نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشلارنىڭ بىر ئاينى ئارقىدا قالدۇرغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، 28 - ماي مەملىكەت مىقياسىدا كوچىلارغا چىققان مىڭلارچە كىشىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلىرى جەريانىدا كالىدىكى ۋەقەلەردە 13 ئادەم قازا قىلغان، بوگوتادا 185، مېدېللىندا 16 ئادەم يارىلانغانىدى.

بىر قىسىم نامايىشچىلارنىڭ بانكىلار، ئاپتوبۇس بېكەتلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىغا زىيان سېلىشىدىن كېيىن، كولومبىيە ئاممىۋى ۋەقەلەرگە مۇداخىلە قىلىش قىسىملىرى، نامايىشچىلارنى ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلىتىپ تارقاقلاشتۇرغانىدى.

پىرېزىدېنت ئىۋان دۇك 28 - ماي كالىدا يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئەسكەرلەر شەھەرنىڭ مۇھىم كوچا ۋە مەيدانلىرىدا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر