مىڭلىغان كىشى ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزدى
ۋاشىنگىتوننىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان لىنكولىن ئابىدىسى ئالدىغا يىغىلغان مىڭلىغان كىشى پەلەستىن بايرىقىنى ۋە پەلەستىننى قوللايدىغان لوزىنكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار يەنە، «پەلەستىن ئۈچۈن ئازادلىق» ۋە «پەلەستىن ھامان بىر كۈنى ئازاد بولىدۇ» دېگەن شوئارلارنىمۇ توۋلىدى.
نامايىشقا ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلاردىن باشقا يەنە، ئافرىقالىقلار، ئاق تەنلىك ئامېرىكالىقلار ۋە يەھۇدىيلارمۇ قاتناشتى.
ئامېرىكانىڭ ئوخشىمىغان ئىشتاتاتلىرىدىن ئاپتوبۇسلار بىلەن كەلگەن يۈزلىگەن كىشىمۇ نامايىشقا قاتنىشىپ، مۇسۇلمان تەشكىلاتلارنى قوللىدى.
شەھەرنىڭ يەنە بىر سىمۋولى بولغان ۋاشىنگىتون ئابىدىسى ۋە لىنكولىن ئابىدىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا نەچچە يۈزلىگەن پەلەستىن بايرىقى ئېچىلىپ، قىزىقارلىق كۆرۈنۈشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە رايونىغا 10- مايدا باشلىغان ھۇجۇملىرى ھاماس بىلەن تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بىنائەن 21-مايدا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 02:00 دە توختىتىلغان ئىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 66 كىچىك بالا، 39 نەپەر ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 254 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 1482 كىىشى يارىلانغان ئىدى.