مالىدا ئاسسىمى گويتانىڭ پىرېزىدېنتلىقى تەستىقلاندى

مالىدا ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى 24 – ماي ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن پولكوۋنىك ئاسسىمى گويتانىڭ پىرېزىدېنتلىقىنى تەستىقلىدى.

1647947
مالىدا ئاسسىمى گويتانىڭ پىرېزىدېنتلىقى تەستىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالى ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ باياننامىسىدە، ئاسسىمى گويتانىڭ پىرېزىدېنتلىقىنىڭ تەستىقلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گويتا، 24 – مايدىكى ئىچكى كابىنېتنىڭ قايتا تەشكىللىنىشىنىڭ پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆتكۈنچى كېڭەشنىڭ باشلىقى باھ نداۋ ۋە باش مىنىستىر مۇختار ئوئانېنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرنىڭ قولغا ئېلىنىشى توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەنىدى.

غەربىي ئافرىقا ئەللىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى، مۇرەسسەچىلىك قىلىشى ئۈچۈن دۆلەتكە ۋەكىل ئەۋەتكەندىن كېيىن،  ئۆتكۈنچى كېڭەشنىڭ باشلىقى باھ نداۋ ۋە باش مىنىستىر مۇختار ئوئانې، تۈنۈگۈن قويۇپ بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر