نېتانياھۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ، دۆلىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دەرھال مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1647292
نېتانياھۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېتانياھۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش قارارىنىڭ، كېڭەشنىڭ «ئىسرائىلىيەگە قارشى پوزىتسىيەسىنىڭ يەنە بىر مىسالى» ئىكەنلىكىنى،  كېڭەشنىڭ بۇ قارار ئارقىلىق قامال ئاستىدىكى غەززە رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پەلەستىنلىك تىركىشىش گۇرۇپپىلىرىنى ئاقلىغانلىغانلىقىنى، بۇ قارار ئارقىلىق «خەلقئارا قانۇننىڭ مەسخىرە قىلىنغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دەرھال مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر