مىسىر ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە، ھاماس ۋە پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

مىسىر ھۆكۈمىتى، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ۋە پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى غەززەنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە نۆۋەتتىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

1646506
مىسىر ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە، ھاماس ۋە پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ھۆكۈمىتى، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس ۋە پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى غەززەنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە نۆۋەتتىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تاراتقۇسى  — كاننىڭ خەۋىرىدە، مىسىرنىڭ ئىسرائىلىيە، ھاماس ۋە پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى پايتەخت قاھىرەدىكى سۆھبەتلەرگە ئىشتىراك قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سۆھبەتلەرنىڭ رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش، غەززەنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى ۋە ھاماسنىڭ ئەسىرگە ئېلىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيەنىڭ «يەدىئوت ئاخرونوت» گېزىتى، مىسىر ھەيئىتىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان مەزكۇر تەكلىپ توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە، راماللاھ ۋە غەززەدە يىغىنلارنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ مىسىرنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا پايتەخت قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى ۋە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۇكرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان خەۋەردە، ئامېرىكانىڭ بۇ ئۇچرىشىشلارغا قېتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىسرائىلىيە سۆھبەتلەرگە ئىشتىراك قىلغان تەقدىردە، ھەيئەتكە ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باشلىقى مېئىر بېن شابباتنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رادىيوسىمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ كىچىك بىر ھەيئىتىنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتە پايتەخت قاھىرەگە بېرىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە، ھاماس ۋە پەلەستىن ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر