كولومبىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا داۋام قىلماقتا

كولومبىيەدە 28 – ئاپرېلدىن بۇيان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقان مىڭلارچە كىشى، دۆلەتنىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدە يۈرۈش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزدى.

1646462
كولومبىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەملىكەتلىك ئىش تاشلاش كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن توپلانغان ھەر قايسى ئۇيۇشمىلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوخشاش بولمىغان قاتلاملارغا مەنسۇپ كىشىلەر، پىرېزىدېنت ئىۋان دۇك ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

پايتەخت بوگوتا ۋە دۆلەتنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى مېدېللىندىكى يوللارنى توسۇۋالغان نامايىشچىلار، كوچىلاردا ناخشا – مۇزىكىلار تەڭكەشلىكىدە تىنچ شەكىلدىكى نارازىلىق يۈرۈشى ئۆتكۈزدى.

نامايىشلار باشلانغاندىن بۇيان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ۋاللې دېل كاۋكا رايونىنىڭ تۇلۇا شەھىرىدە يېرىم كېچىدە ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى.

نامايىشلار جەريانىدا بىر قىسىم نامايىشچىلار شەھەردىكى ئەدلىيە بىناسىغا ئوت قويۇپ بەردى؛ ۋەقەدە ئېغىر ماددىي زىيان كۆرۈلدى.

ساقچىلار ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلارغا ياش ئاققۇزۇش گازى ۋە كالتەكلەرنى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلىش ئارقىلىق قالايمىقانچىلىقنى تىزگىنلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر