ئامېرىكا قاتارلىق بەش دۆلەت سۈرىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بۈگۈن سۈرىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ ئادىل ۋە ئەركىن مۇھىتتا ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھېچقانداق قانۇنىيلىقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

1645799
ئامېرىكا قاتارلىق بەش دۆلەت سۈرىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا: «فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، 26- ماي سۈرىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئەركىن ۋە ئادىل بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىمىز. ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ سايلامنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق قارارىنىڭ رامكىسى سىرتىدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىشىنى رەت قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئاۋازى ۋە پىكىرى ئورۇن ئالمايدىغان بىر  سايلام جەريانىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ مەزكۇر «سايلامنى قانۇنلۇق دەپ قارىمايدىغانلىقى»غا ئىشارەت قىلىندى.

سۈرىيەدە ئەركىن ۋە ئادىل سايلامنى پەقەت ب د ت نىڭ نازارىتى، شۇنداقلا خەلقئارالىق ئوچۇق- ئاشكارىلىق ھەمدە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا بولىدىغان شارائىتتا ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «سايلامنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇشى ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان سۈرىيەلىكلەر، مۇساپىرلار ۋە مۇھاجىرەتتىكىلەرنى  ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سۈرىيەلىكلەر ئۇنىڭغا خاتىرجەم قاتنىشالىشىشى كېرەك. بۇ ئامىللار بولماي تۇرۇپ ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ھىيلە ئارىلاشقان سايلام، سىياسىي يارىشىش يولىدىكى ھېچقانداق ئىلگىرىلەشكە ۋەكىللىك قىلمايدۇ» دېگەنلەر قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر