ياۋروپا ئىتتىپاقى كەمبەغەل دۆلەتلەرگە ۋاكسىنا ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدى

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئىككى كۈن داۋاملاشقان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنى ئاخىرلاشتى.

1645609
ياۋروپا ئىتتىپاقى كەمبەغەل دۆلەتلەرگە ۋاكسىنا ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى كەمبەغەل دۆلەتلەرگە ۋاكسىنا ئىئانە قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

رەھبەرلەر ب د ت نىڭ تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ۋاكسىناغا باراۋەر ئېرىشەلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان پىروگراممىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى قايتا تەكرارلىدى.

يىغىندا، كەمبەغەل دۆلەتلەرگە مۇشۇ يىل (2021) ئاخىرىغىچە ئەڭ ئاز دېگەندە، 100 مىليون ۋاكسىنا ئىئانە قىلىش قارار قىلىندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېر لېيىن (Ursula von der Leyen) ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىيۇل ئېيى (2021) نىڭ ئاخىرىغىچە نوپۇسنىڭ %70 نى پۈتۈنلەي ئەملەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «مۇشۇنداق داۋام قىلساق، بىخەتەر ئېچىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدىغان ۋە ساياھەتلەردە ئىشلىتىلىدىغان ۋاكسىنا كېنىشكىسى ئۈچۈنمۇ ئۇچۇر ئاساسىي قۇرۇلمىسىنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

رەھبەرلەر كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى. ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلىز مىشېل (Charles Michel) مۇنداق دېدى:

«2050-يىلىغىچە كىلىماتقا زىيان سالمايدىغان قىتئە بولۇش مەسىلىسىدىكى ئورتاق نىشانىمىزنى مۇئەييەنلەشتۇردۇق.»

ئەنگلىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى، ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە مەسىلىلىرىمۇ، رەھبەرلەرنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر