مالى ۋەزىيىتى يەنە جىددىيلەشتى، تۈركىيە مالىدىكى پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

مالى ئارمىيەسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى...

1645011
مالى ۋەزىيىتى يەنە جىددىيلەشتى، تۈركىيە مالىدىكى پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىقا دۆلىتى مالىدا ۋاقىتلىق كېڭەشنىڭ رەئىسى باھ نداۋ ۋە باش مىنىستىر موكتار ئوۋانې قاتارلىق بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ھەربىي قىسىملار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار پايتەخت باماكونىڭ سىرتىغا جايلاشقان كاتى رايونىدىكى بىر ھەربىي بازىغا ئېلىپ كېتىلگەن.

مالىدا ئۆتكەن يىلى 6 - ئاينىڭ 18- كۈنى سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، پىرېزىدېنت ئىبراھىم بۇباكار كەيتا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، ئارقىدىن ۋاقىت كېڭەش قارمىقىدا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيەنىڭ باماكودىكى ئەلچىخانىسى تۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، مالىدىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى مەجبۇر بولۇپ قالمىغان ئەھۋالدا كوچىلارغا چىقماسلىق ھەمدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر