بوزقىر  باڭلادېش ۋە پاكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋولقان بوزقىر 25 – 27 – ماي كۈنلىرى باڭلادېش ۋە پاكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ.

1645039
بوزقىر  باڭلادېش ۋە پاكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوزقىر، باڭلادېشنىڭ پايتەختى داككادا،. باش مىنىستىر شەيخ ھاسىنا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئا.ك. ئابدۇلمۆمىن بىلەن كۆرۈشىدۇ، ھەمدە بىرمادىن قاچقان ئاراكانلىق مۇساپىرلار قالغان كوكس بازار رايونىنى زىيارەت قىلىدۇ.

ئۇ، باڭلادېش زىيارىتىدىن كېيىن، پاكىستانغا ئۆتۈپ، ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر