پادىشاھ 2 - ئابدۇللاھ يارىدار پەلەستىنلىكلەرنى ئىيوردانىيە دوختۇرخانىلىرىغا يۆتكەشنى تەلەپ قىلدى

ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا يارىلانغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىيوردانىيە دوختۇرخانىلىرىغا ئېلىپ كېلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

1643913
پادىشاھ 2 - ئابدۇللاھ يارىدار پەلەستىنلىكلەرنى ئىيوردانىيە دوختۇرخانىلىرىغا يۆتكەشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە پادىشاھلىق دىۋانىنىڭ باياناتىدا،  پادىشاھ ئىككىنچى ئابدۇللاھنىڭ غەززەدىكى ئىيوردانىيە دالا ھەربىي دوختۇرخانىسى ئەمەلدارىغا تېلېفون قىلىپ، پەلەستىنلىكلەرگە سۇنۇلىۋاتقان مۇلازىمەتلەر ھەققىدە مەلۇمات ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىيوردانىيە پادىشاھىنىڭ غەززە سىرتىدا داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق يارىدار پەلەستىنلىكلەرنى ئىيوردانىيەدىكى دوختۇرخانىلارغا يۆتكەشكە بۇيرۇغانلىقى ئۇقتۇرۇلۇپ، تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە «قېرىنداش پەلەستىنلىكلەرگە ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى غەززە رايونىغا 10-مايدا باشلىغان ھۇجۇملىرى 21-مايدا ھاماس بىلەن تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 02:00 دە ئاخىرىلاشقان ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 66 كىچىك بالا ۋە 39 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 248 پەلەستىنلىك شېھىت بولغاندىن سىرت 1948 كىشى يارىلىنىپ، 120 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر