بوسنىيە خەلقى  پەلەستىننى قوللاش  نامايىشى ئۆتكۈزدى

بوسنىيەنىڭ پايتەختى سارايېۋودىكى تارىخى ۋېجنىكا كۈتۈپخانىسى مەيدانىغا يىغىلغان يۈزلىگەن كىشى پەلەستىن خەلقىنى قوللاش ۋە ھەمكارلىشىش ئۇچۇرى ئېلان قىلدى.

1643920
بوسنىيە خەلقى  پەلەستىننى قوللاش  نامايىشى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سارايېۋودا ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىننى قوللاش نامايىشىغا قاتناشقۇچىلار: «ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلايلى!»، «بوسنىيە پەلەستىننىڭ يېنىدا!» ۋە «پەلەستىن ئۈچۈن ئادالەت» دەپ يېزىلغان لوزىنكىلارنى ئاچتى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يۈزىگە پەلەستىن بايرىقىنى سىزدۈردى.

پەلەستىننىڭ سارايېۋودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رەزەق نامورا ئېلان قىلغان باياناتىدا، پەلەستىن خەلقىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، «ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىندى، ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى داۋاملاشماقتا. پەلەستىن غەلىبە قىلىدۇ ۋە چوقۇم ئازاد بولىدۇ» دېدى.

تۈركىيەنىڭ سارايېۋودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سادىق بابۇر گىرگىنمۇ بوسنىيەدىن پەلەستىن خەلقىگە ئىتتىپاقلىق ئۇچۇرى يوللانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم پەلەستىننىڭ  يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بوسنىيەدىكى پەلەستىنلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ماجەد مائارۇف ئىسرائىلىيەگە پەلەستىنگە ئەركىنلىك بېرىش ھەققىدە ئۇچۇر يوللىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تىنچلىق ئۇچۇرى يوللاشنى خالايمىز. ھازىرمۇ قوش ئۆلچەملىك مۇئامىلە قىلىۋاتقان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا بۇ يەردىن ئۇچۇر يوللايمىز. ئىسرائىلىيە كىمدىن ئۆزىنى قوغدىماقچى؟ ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتوم بومبىسى، يادرو كۈچى ۋە ئامېرىكىدىن ئالغان ئەڭ يېڭى تېخنىكىلىق قوراللىرى بارغۇ؟!» دېدى.

نامايىش تىنچ ھالدا ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر