خىتايدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى كۆپەيدى

خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يۈننەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن 6.1 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 3 كە يەتتى.

1643716
خىتايدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسى (CCTV) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۈننەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 3 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 27 كىشى يارىلانغان.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۈننەن ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن 6.1 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى چىڭخەي ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن 7.3 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىمۇ 8 كىشى يارىلانغان، كەم دېگەندە 20 مىڭ كىشى بىخەتەر رايونلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر