بلىنكېن ئىسرائىلىيە – ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن رايوندا زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن رايوندا زىيارەتتە بولىدۇ.

1643057
بلىنكېن ئىسرائىلىيە – ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن رايوندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بلىنكېن، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گابى ئاكشېنازى بىلەن تۈنۈگۈن ئىككى قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

بلىنكېن چۈشتىن كېيىنكى تېلېفون سۆھبىتىدە، «تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئاشكېنازىغا، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ھەر ئىككى مىنىستىر، مۇرەسسەچىلىك تىرىشچانلىقلىرى سەۋەبلىك مىسىرغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

بلىنكېننىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ھەم پەلەستىنلىك ھەم ئىسرائىلىيەلىك تەرەپلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رايوندا تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق شېرىكلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىق  ۋە ئالاقە ئورنىتىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بلىنكېننىڭ زىيارەت ۋاقتى توغرۇلۇق تېخىچە بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، شۇ جاي ۋاقتى كېچە سائەت 02.00 دە كۈچكە ئىگە بولۇشقا باشلىغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ۋە 10 – مايدىن  يبن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا 65 ى بالا، 39 ى ئايال بولۇپ، جەمئىي 232 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر