ب د ت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېس مىچېل، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان  ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1643056
ب د ت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
Charles Michel.jpg
Charles Michel.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىدىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش مەركىزىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئۇدا 11 كۈن بويىچە ئۆلۈم بىلەن نەتىجىلەنگەن توقۇنۇشلاردىن كېيىن، غەززە  - ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشقا چاقىرىمەن.»

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشىدا مىسىر بىلەن قاتارنىڭ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكى توغرىلىقمۇ توختالغان گۇتېرېش، خەلقئارا جەمئىيەتنىمۇ پەلەستىن خەلقىنىڭ قايتا قەد كۆتۈرۈشى ۋە ئورگانلىرىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىلىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن رەھبەرلىرىنىڭ، جىددىي دىيالوگ ئورنىتىش ئۈچۈن سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشتىن ھالقىغان ئېغىر مەسئۇلىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلغان گۇتېرېش، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيەدىن تەشكىل تاپقان ئوتتۇرا شەرق 4 تەرەپ گۇرۇھىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق ئاكتىيورلار بىلەن ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم ئۈچۈن مەنىلىك مۇزاكىرىلەرگە قايتىشقا چاقىردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېس مىچېلمۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇدا 11 كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىلگەن ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق لازىم.»

ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، شۇ جاي ۋاقتى كېچە سائەت 02.00 دە كۈچكە ئىگە بولۇشقا باشلىغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ۋە 10 – مايدىن  يبن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا 65 ى بالا، 39 ى ئايال بولۇپ، جەمئىي 232 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر