ي پ گ|پ ك ك بالىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلماقتا

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نىڭ سۈرىيەدە بالىلارنى ئۇرۇشقا سېلىشنى ۋە بالىلاردىن پايدىلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاندى.

1642539
ي پ گ|پ ك ك بالىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ 2018-يىلى ئىيۇلدىن 2020-يىلى ئىيۇنغىچە بالىلار ھەق-ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىنغان قىلمىشلار ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ي پ گ|پ ك ك بالىلارنى جەڭچىلەرگە، مەكتەپلەرنى قورال ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرغان.

سۈرىيەدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەزگىلدە، 400 ئارتۇق بالا ي پ گ|پ ك ك تەرىپىدىن جەڭچى سۈپىتىدە پايدىلىنىلغان بولۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بالىلارنى ئېلىپ قېچىش، دەپسەندە قىلىش ۋە ئۇرۇشقا سېلىش قاتارلىق 4 مىڭ 700 دىن ئارتۇق بالىلار ھەق-ھوقۇقىغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن. بۇ مەزگىلدە، 2 مىڭ 700 دىن ئارتۇق بالا ھاۋا ھۇجۇمى، ئۇرۇشتىن ئېشىپ قالغان پارتلاتقۇچلار ۋە قۇرۇقلۇق بومباردىمانلىرىدا جېنىدىن ئايرىلغان. 117 قىز بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىڭ 423 بالىدىن سىستېمىلىق پايدىلىنىلغان. 15 ياشتىن تۆۋەن 250 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىڭ 388 بالا ئۇرۇشقا سېلىنغان.

ي پ گ|پ ك ك ب د ت بىلەن 2019-يىلى ئىيۇندا ئىمزالىغان كېلىشىمدىن كېيىنمۇ 15 ياشتىن تۆۋەن 23 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 149 بالىنى ئۇرۇشقا سالغان.

ي پ گ|پ ك ك ھاسەكەدە ئارىسىدا توققۇز ياشلىق بالىلارمۇ بولغان 150 بالىنى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىپ قاچقان ۋە ئەركىنلىكلىرىدىن مەھرۇم قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر