لاۋورۋ بىلەن بلىنكېن تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشتى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشتى.

1642327
لاۋورۋ بىلەن بلىنكېن تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قۇتۇپ دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسلاندىيەنىڭ پايتەختى رېيكياۋىكتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئۇچرىشىشلىرى ھارپىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

لاۋورۋ، رۇسىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش نىيىتى بارلىقىنى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ تېلېفون سۆھبىتى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلەرنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن ئۈنۈملۈك دىيالوگ ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان لاۋورۋ، موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ، ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ھەم ئىستىراتېگىيەلىك مۇقىملىق مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيادىكى ئومۇمىي ۋەزىيەت، موسكۋا بىلەن ۋاشىنگىتون ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا باغلىقتۇر.»

ئامېرىكالىق كەسپدىشى بىلەن كورېيە يېرىم ئارىلى، ئىراننىڭ يادرو پىلانى ۋە ئافغانىستان مەسىلىلىرى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن لاۋورۋ، بارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سەمىمىيەت، دۇرۇسلۇق ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئېڭى ئاساسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، موسكۋا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە بىلەن ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغان، مۇقىم مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىز بۇنى ھەم ئۆز خەلقىمىز ئۈچۈن، ھەم رۇسىيە خەلقى ئۈچۈن، شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارايمىز.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئورتاق مەنپەەت يەتكۈزۈش ساھەلىرىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلغان بلىنكېن، بۇ خۇسۇسلاردا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئېھتىماللىقلىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر