كىم جوڭئۇن خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنا ۋە دورىلارنى چەكلىدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن پايتەخت پىيوڭياڭدىكى دوختۇرخانىلاردا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنا ۋە دورىلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چەكلىدى.

1642640
كىم جوڭئۇن خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنا ۋە دورىلارنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Asia News» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورېيەدە يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان دورىنى ئىچكەندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىشى سەۋەبلىك، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن، پايتەخت پىيوڭياڭدىكى دوختۇرخانىلاردا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان دورىلار ۋە «كوۋىد – 19 يۇقۇمى» ۋاكسىنىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چەكلىگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، يۇقىرى دەرىجىلىك شىمالىي كورېيە ئەمەلدارىنىڭ ئۆلۈمىگە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان دورىنىڭ سەۋەب بولۇپ بولمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى، دۆلەتتە «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ھادىسەنىڭ راست – يالغانلىقى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە بىلىم دۇنياسى تەرىپىدىن تالاش - تارتىش قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر