بىرمادا يەنە ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىشكە ۋە خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارشى چىققان نامايىشلارنى خەۋپسىزلىك كۈچلىىرنىڭ باستۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان نامايىشچىلار 805 كە چىقتى.

1641861
بىرمادا يەنە ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىياسىي تۇتقۇنلارغا ياردەم جەمئىيىتى كۈندىلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلماقتا.

دوكلاتتا، يېقىنقى 24 سائەتتە يەنە ئۈچ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە بۇنىڭ بىلەن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 805 كە چىققانلىقى، 4 مىڭ 146 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، 1722 كىشى ئۈستىدە قولغا ئېلىش قارارى بارلىقى قەيت قىلىندى.

بىرمانىڭ خىتاي چېگراسىدىكى شان ئىشتاتىدا ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان ئېتنىك قوراللىق گۇرۇپپىلاردىن كاچىن (KIA) مۇستەقىللىق ئارمىيەسى، بىرما ئارمىيەسىگە نېفىت توشۇۋاتقان ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇپ بەردى.

كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ناۋ بۇ «The Irrawaddy» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، نېفىت ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىشتاتتىكى بىر ھەربىي بازىغا بارىدىغانلىقى مەلۇماتى تاپشۇرۇپ ئېلىنغاندىن كېيىن، ئوت قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ جەمئىي بەش نېفىت ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، شوپۇرلارغا زىيان بېرىلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى بىلەن سىياسىي ۋەزىيەت كەسكىنلەشكەندىن كېيىن، 1-فېۋرال (2021) ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.

بىرمادا بىر تەرەپتىن كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى ھەربىي سوتتا سوتلاش داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر