ئىلھان ئۆمەر بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيە سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مۇسۇلمان پارلامېنت ئەزاسى ئىلھان ئۆمەر، غەززەگە ھۇجۇم قىلىشىدىن قىسقا ۋاقىت ئىلگىرى ئىسرائىلىيەگە 735 مىليون دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىشنى ماقۇللىغان جو بايدىن ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1641237
ئىلھان ئۆمەر بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيە سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلھان ئۆمەر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەگە يۇقىرى سەزگۈرلۈككە ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىشنى تەستىقلىغان بايدېن ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ، «بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ، زوراۋانلىق كۈچىيىپ كەتكەن ۋە پۇقرالار ھۇجۇملارغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇغا شەرتسىز شەكىلدە 735 مىليون دوللارلىق يۇقىرى سەزگۈرلۈككە ئىگە قورال سېتىپ بېرىشنى ماقۇللىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ» دېدى.

«ئەگەر بۇ سېتىش تەستىقلانسا، بۇ زوراۋانلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا يېشىل چىراغ يېقىش ۋە ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقىغا توسالغۇ بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن ئۆمەر، ئىسرائىلىيەنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇمىنى كۆرگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قورال سېتىشنى تەستىقلاشنى قايتىدىن ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر