ئامېرىكادا پەلەستىننى قوللاش ۋە ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈنۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا مىڭلىغان كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، پەلەستىننى قوللاش ۋە ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ۋاشىنگتون ئابىدىسىدىن دۆلەت مەجلىسى بىناسىغىچە يۈرۈش قىلدى.

1640062
ئامېرىكادا پەلەستىننى قوللاش ۋە ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەھەر مەركىزىدىكى ۋاشىنگىتون ئابىدىسىنىڭ ئالدىدا يىغىلغان ۋە قوللىرىدا پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان قاتناشقۇچىلار «پەلەستىنگە ئەركىنلىك» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ھۇجۇمىغا سۈكۈتتە تۇرىۋالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار، ۋاشىنگىتون ئابىدىسىدىن باشلىغانچە دۆلەت مەجلىسى بىناسىغىچە يۈرۈش قىلدى.

تەخمىنەن 3 سائەت داۋاملاشقان پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ۋەقە چىقماستىن تىنچ ھالدا ئاخىرىلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر