قاتار ئەمىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولدى

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولدى.

1637922
قاتار ئەمىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ­— سپا، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىنىڭ جىددەدىكى پادىشاھ ئابدۇلئەزىز خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىلەن تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ جىددەدىكى سەلام سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى بارلىق ساھەلەر بويىچە گۈللەندۈرۈش، شۇنداقلا رايون ۋە خەلقئارادىكى ئىككى دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بۇ، قاتار ئەمىرىنىڭ پارس قولتۇقى يارىشىشىدىن كېيىنكى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراتقان تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر