بىرمادىكى نامايىشلاردا ئونلارچە كىچىك بالىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

سىياسىي مەھبۇسلارغا ياردەم بېرىش تەشكىلاتى، بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ نامايىشلارنى باستۇرۇشى جەريانىدا ئونلارچە كىچىك بالىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1637924
بىرمادىكى نامايىشلاردا ئونلارچە كىچىك بالىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە ۋە سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلارغا قوراللىق ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە قازا قىلغان 781 كىشىنىڭ 52 نەپىرىنىڭ كىچىك  بالىلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سىياسىي مەھبۇسلارغا ياردەم بېرىش تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك دوكلاتىدا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يەنە بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن، ھەربىي –  سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى باشلانغان نامايىشلاردا قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 781 گە يەتكەنلىكى، قازا قىلغانلارنىڭ 52 نەپىرىنىڭ 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، ھازىرغىچە 3843 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان 1561 ئادەم ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن ئىلگىرىكى مىللىي دېموكراتىك بىرلىك ھۆكۈمىتى مەزگىلىنىڭ ئاراكان ئۆلكىسى سىياسىي ئەمەلدارى نيى پۇنىڭ قىزى موئې سان سۇ جىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلى 8-نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا ھىيلە ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، شۇنداقلا بىرمادا سىياسىي ئىختىلاپلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى باھانە قىلىپ، 2021-يىلى 1-فېۋرال ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغانىدى.

بىرما ئارمىيەسى يەنە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ئاڭ سان سۇچى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى نۇرغۇن پارتىيە مەسئۇللىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

بىر تەرەپتە بىرمادا كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە، يەنە بىر تەرەپتە نازارەت ئاستىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەربىي سوتتا سوتلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر