ب د ت: دائېشنىڭ ئەزىدىيلەرگە قىلغانلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تەشكىل قىلىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، دائېش تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى ئەزىدىلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1637915
ب د ت: دائېشنىڭ ئەزىدىيلەرگە قىلغانلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تەشكىل قىلىدۇ

تۈركىيە  ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى باشلىقى كەرىم خان، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئالتىنچى دوكلاتىنى سۇندى.

گۇۋاھلىق سۆزى، ئاممىۋى قەبرىلەردىن ئېلىنغان قانۇنىي ئىسپاتلار ۋە دائېشقا مەنسۇپ قاتتىق دېسكىلاردىكى سانلىق مەلۇماتلار بولۇپ تاغدەك پاكىت توپلىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن كەرىم خان، تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ ئىراقنىڭ سىنجار رايونىدا ئەزىدىلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ۋە قانائەتلىنەرلىك ئىسپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ب د ت ھەيئىتى، ھازىرغىچە ئەزىدىلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغان 1444 نەپەر دائېش ئەزاسىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

دائېش 2014- يىلى 8- ئاينىڭ 3- كۈنى ئەزىدىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان سىنجار رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئەزىدىلەرنى ئۆلتۈرگەن، ئاياللار ۋە قىزلارنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر